مېدۋېدېۋ سودا ئۇرۇشىنىڭ زىيانلىرى ئۈستىدە توختالدى

رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ سودا ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا يېرىم تىرىليون دوللار زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1101806
مېدۋېدېۋ سودا ئۇرۇشىنىڭ زىيانلىرى ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېدۋېدېۋ پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىقتىساد ساھەسىدە كۆرۈلگەن يېقىنىقى ئەھۋاللار ئۈستىدە توختالدى.

مېدۋېدېۋ تېخى يېقىندىلا «چەت ئەل مەبلەغچىلەر كومىتېتى» ناملىق بىر تەشكىلات بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «بۇلار تىرىليونلارچە دوللارنى كونتىرول قىلىۋاتقان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. ھەممىسى رۇسىيە بازىرىغا ئالاھىدە قىزىقماقتا» دېدى. 

ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى توسۇپ قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مېدۋېدېۋ: «رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ چاقىغا تېكەن تېقىشنى خالايدۇ، باشقا دۆلەتلەر تېخىمۇ مۇناسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ ئېمبارگولارنىڭ زىيىنىنى ئۈنلۈك بىر شەكىلدە تىلغا ئېلىشماقتا» دېدى.

مېدۋېدېۋ سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئېمبارگولار ئەمدىلىكتە كۈندىلىك تەبىئىي ھادىسىگە ئايلىنىپ قالدى. سودا ئۇرۇشلىرى دۇنيا ئىقتىسادىغا تەخمىنەن يېرىم تىرىليون دوللار زىيان سالدى. دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان ئېمبارگولار ۋە بىزنىڭ تاشلىغان قارشى قەدەملىرىمىز سەۋەبىدىن ئومۇمىي زىيان 100 مىليارد دوللارغا يەتتى» دېدى. 

رۇسىيەنىڭ دوللار ئىشلىتىشنى توختىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مېدۋېدېۋ، «ئىقتىسادنىڭ دوللارسىزلاشتۇرىلىشى، دېگەنلىك دوللاردىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك بولمايدۇ. بىز دوللارنىڭ رۇسىيەدىكى ئايلىنىشىغا مۇداخىلە قىلمايمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر