2018 – يىلى ئىزمىرغا ئەڭ كۆپ گېرمان ساياھەتچىلەر كەلدى

ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈركىيەگە كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 25.5 ئېشىپ، 3.8 مىليونغا يەتتى.

1101782
2018 – يىلى ئىزمىرغا ئەڭ كۆپ گېرمان ساياھەتچىلەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيەدە ساياھەتتە بولغان گېرمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تاللاش ئوبېيكتى ئىزمىر بولدى. ئىزمىر، ئۆكتەبىر ئېيىغىچە رۇسىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 966 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

تۈركىيەگە كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر تىزىملىكىدە، 604 مىڭ 73 كىشى بىلەن رۇسىيە بىرىنچى رەتتىن، 589 مىڭ 626 كىشى بىلەن گېرمانىيە ئىككىنچى رەتتىن، 264 مىڭ 17 كىشى بىلەن ئەنگلىيە ئۈچىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر