ئىران: قاتارنىڭ ئوپېكتىن چېكىنىش قارارىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈشى كېرەك

ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىجەن نامدار زەنگەنە، قاتارنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – «ئوپېك» تىن چېكىنىش قارارىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1100770
ئىران: قاتارنىڭ ئوپېكتىن چېكىنىش قارارىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پارلامېنتى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىر زەنگەنە، ئەتە ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوپېك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى بايانات بەرگەن؛ قاتارنىڭ بەزى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن زەنگەنە، دوھا دائىرىلىرىنىڭ بۇ سەۋەبتىن ئوپېكتىن چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، «قاتارنىڭ ئوپېكتىن چېكىنىش قارارىنىڭ سەۋەبلىرى تەكشۈرۈلۈشى كېرەك» دېگەن.

ئىراننىڭ ئوپېكتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ھۇسەيىن كازىمپۇر ئەردەبىلىمۇ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رۇسىيە باشلامچىلىقىدىكى ئوپېك ئورتاق مىنىستىرلار كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە چىقارغان بىر تەرەپلىمە قارارلىرىنىڭ قاتارنى ئوپېكتىن چېكىنىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ۋىيېننادا ئەتە چاقىرىلىدىغان ئوپېك باشلىقلار يىغىنىدا نېفىت بازارغا سېلىش مىقدارىنى قىسقارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

قاتار ئېنېرگىيە مىنىستىرى سەئىد شەرىدە ئەلقادى دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئوپېك ئەزالىقىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.

قاتار 1961 – يىلىدىن بۇيان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر