سەئۇدى ئەرەبىستان رۇسىيەگە زور مىقداردا مەبلەغ سالىدۇ

رۇسىيە سېلىنما فوندى باشلىقى كىرىل دىمىترىيېۋ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رۇسىيەگە كېلەر يىلى 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1099091
سەئۇدى ئەرەبىستان رۇسىيەگە زور مىقداردا مەبلەغ سالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە سېلىنما فوندى باشلىقى كىرىل دىمىترىيېۋ، رۇسىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان ئورتاق فوند ۋاستىسى بىلەن 2019-يىلى رۇسىيەگە 2 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە مەبلەغ سېلىنىشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كىرىل دىمىتريېۋ ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رۇسىيەگە سالىدىغان مەبلەغ مىقدارىنى داۋاملىق ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئارگېنتىنادا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان دىمىترىيېۋ: بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رۇسىيەدىكى سېلىنملىرىنىڭ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دېدى.

كېلەر يىلىمۇ رۇسىيەگە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان دىمىترىيېۋ مۇنداق دېدى: « رۇسىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان ئورتاق فوند ۋاستىسى بىلەن 2019-يىلى رۇسىيەگە 2 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە مەبلەغ سېلىش پىلانلانماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر