قاتار ئوېپكتىن چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
قاتار، 2019 – يىلى يانۋاردا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېكتىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئېنېرگىيە مىنىستىرى سەئىد ئەلكەئبى، قاتارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش نېفىت ئېلىپ – ساتىدىغانلىقىنى، ئوپېك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەدىلىرىنى 19 – يانۋارغىچە ئورۇنداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلىتىنىڭ ئوپېكتىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان قاتار ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئەلكەئبى، «ئوپېكتىن يانۋار ئېيىدىن باشلاپ چېكىنىمىز. قارارىمىزنى ئوپېكقا بۈگۈن ئەتىگەن مەلۇم قىلدۇق. ئوپېكقا ئەزا ئەمەس ھەرقانداق بىر دۆلەتكە ئوخشاش بارلىق ۋەدىلىرىمىزدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئۇ، قاتارنىڭ ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئوپېكنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش قارارلىرىغا كىچىككىنە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «57 يىلدىن بۇيان ئەزاسى بولۇپ كەلگەن ئوپېكتىن ئايرىلىش ئاسان ئىش ئەمەس» دېدى.
قاتارنىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن 6 – نويابىردا بىر يىغىن چاقىرىلىشى كۈتۈلمەكتە. بۇ باياناتلاردىن كېيىن نېفىت باھالىرى % ئۆرلەپ كەتتى. برېنت تىپلىق نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى بۈگۈن ئەتىگەن 62 دوللاردىن سېتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.