تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىغا قىلغان زەيتۇن يىغى ئېكىسپورتى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى

تۈركىيەنىڭ 2017 – 2018 – يىللىق زەيتۇن يېغى ئېكسپورت پەسلىدە ئېكىسپورت نىسبىتى ئالدىنقى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا، %49 ئېشىپ، 66 مىڭ 100 توننىغا چىقتى.

1097412
تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىغا قىلغان زەيتۇن يىغى ئېكىسپورتى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنڭ زەيتۇن يېغى ئېكسپورتى ھەر يىلى 1نويابىردا باشلىنىدۇ ۋە ئىككىنچى يىلى 31ئۆكتەبىردە ئاخىرىلىشىدۇ.

تۈركىيە 2012يىلى 1نۇيابىردىن 2013يىلى ئۆكىتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، 91 مىڭ توننا زەيتۇن يېغى ئېكسپورت قىلىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى يقولغا كەلتۈرگەن ۋە زەيتۇن يېغى ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 292 مىليون دوللارغا يەتكەن ئىدى. 

  تۈركىيەنىڭ 20172018يىللىق زەيتۇن يېغى ئېكسپورت سودا نىسبىتى بولسا، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يەنە بىر پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا، %49 ئېشىپ، ئەسلىدىكى 44 مىڭ 400 توننىدىن 66 مىڭ 100 توننىغا، ئومۇمىي سوممىسى %46 ئېشىپ، ئەسلىدىكى 174 مىليون دوللاردىن 255 مىليون دوللارغا يەتتى.

بۇ مەزگىلدە ئامېرىكىغا قىلىنىغان زەيتۇن يېغى ئېكسپورتى %108 ئېشىپ، ئەسلىدىكى 11 مىڭ 800 توننىدىن 24 مىڭ 500 توننىغا، سودا ئومۇمىي سوممىسى بولسا، %101 ئېشىپ، ئەسلىدىكى 46 مىليون 400 مىڭ دوللاردىن 93 مىليون 200 مىڭ دوللارغا يەتتى.

بۇ نىسبەت بىلەن ئەڭ يۇقىرى زەيتۇن يېغى ئېكسپورت سودىسى بولغان 28 مىڭ توتتىنىدىن قالسىلا ئامېرىكا ئەڭ كۆپ زەيتۇن يىغى ئېكىسپورت قىلىنغان 2دۆلەتكە ئايلاندى.

بۇ يىل تۈركىيەدىن جەمئىي 110 دۆلەتكە زەيتۇن يېغى ئېكسپورت قىلىندى. چەت ئەللەرگە سېتىلغان ھەر 100 لىتېر زەيتۇن يېغىنىڭ 37 لىىتېرىنى ئامېرىكا ئالغان بولدى.

تۈركىيەنىڭ زەيتۇن يېغى ئېكسپورت نىسبىتىدە، ئامېرىكىنىڭ ئارقىدىن، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە رەتكە تىزىلدى. ئىسپانىيە 15 توننا، ئىتالىيە 4 مىڭ 700 توننا زەيتۇن يېغى ئالدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان 4 مىليون 300 مىڭ توننا، ياپونىيە 2 مىڭ 900 توننا، ماراكەش 1900 توننا زەيتۇن يېغى سېتىۋالدى.

تۈركىيەنىڭ زەيتۇن يېغىنى خىتاينىڭ ئىنتايىن ياختۇرغانلىقى ۋە ئېكسپورت نىسبىتى ئاشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگىنىگە قارىماستىن، خىتاي سېتىۋىلىش نىسبىتى رەتكە كېرەلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر