ئامېرىكا – خىتاي سودا كېلىشىمى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە بېيجىڭغا قارىتا قوشۇمچە باج ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1096665
ئامېرىكا – خىتاي سودا كېلىشىمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي ئىقتىسادىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ باشلىقى لارى كۇدلوۋ، ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئارگېنتىنادا چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە كەچلىك تاماق زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى، ئۇچرىشىشتا، سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە، ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭغا قارىتا قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت ترامپ كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق ئىلگىرىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۆزئارا سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئادىل بولۇش مەسىلىسىدە كېلىشىمنىڭ مەلۇم شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، پىكرىي مۈلكىيەت ئوغرىلىقى ۋە مەجبۇرىي تېخنولوگىيە يۆتكەش قىلمىشلىرى مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىشى لازىم. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇشى پىرېزىدېنت ترامپقا پايدىلىق، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىمەن. ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ  ئۇچرىشىشىدا، سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە، ۋاشىنگتون بېيجىڭغا قارىتا قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دەرۋەقە، پىرېزىدېنت ترامپ خىتاي تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مەلۇم شەرتلەرنى ئادا قىلمىسا، بېيجىڭغا قارىتا داۋاملىق قوشۇمچە باج ئېلىش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشتىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئىپادىلىدى. 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن % 10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش تۈزۈمى 2019 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. پىرېزىدېنت ترامپ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئامېرىكا – خىتاي ئۇچرىشىشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا 267 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر