GM شىركىتى نۇرغۇن ئىشچى – خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشىتىشنى قارارلاشتۇردى
ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى General Motors (GM) نىڭ يېڭى پىلانلىرى دائىرىسىدە 5 زاۋۇتىنى تاقاش ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ سانىنى % 15 ئازايتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1095535
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىركەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ۋە ئەمگەك كۈچى چىقىملىرىنى تېجەش مەقسىتىدە بىرقاتار ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇ دائىرىدە 4 ى مىچىگان، مارىلاند ۋە ئوھايئو ئىشتاتلىرىدا، بىرى كانادانىڭ ئونتارىئو ئىشتاتىدا بولۇپ، جەمئىي 5 ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسەسى كېلەر يىلى تاقىلىدىكەن، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى % 15 ئازايتىلىدىكەن، بۇ دائىرىدە 10 – 15 مىڭ كىشى ئىشتىن بوشىتىلىدىكەن، شىركەتنىڭ خامچوتى 6 مىليارد دوللار ئاشۇرۇلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىركەتنىڭ نىيۇ يورك پاي چېكى بازىرىدىكى پاي چەكلىرىنىڭ قىممىتى % 6 ئۆرلىگەن.