ئامېرىكا سۈرىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلغان كىشى ۋە شىركەتلەرنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، سۈرىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلغان 6 كىشى ۋە 3 شىركەتنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

1092161
ئامېرىكا سۈرىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلغان كىشى ۋە شىركەتلەرنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان جازا يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكىدە ئىككى ئىرانلىق، بىر رۇسىيەلىك، بىر سۈرىيەلىك، بىر ئىراقلىق ۋە بىر لىۋانلىقنىڭ ئىسمى ئورۇن ئالدى.

تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان ئۈچ شىركەتنىڭ ئىككىسىنىڭ رۇسىيە، بىرىنىڭ ئىران مەركەزلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر