پاكىستان تۈركىيەنى خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قېتىلىشقا تەكلىپ قىلدى

پاكىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان مىللىي مەجلىس باشلىقى ئەسەد قايسەر، تۈركىيەنىڭ خىتاي – پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1083942
پاكىستان تۈركىيەنى خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قېتىلىشقا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان پارلامېنتىدا تۈركىيەنىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىھسان مۇستافا يۇرداقۇلنى قوبۇل قىلغان قايسەر، پاكىستان دۆلەت رادىيوسىدا سۆز قىلىپ، «پاكىستان تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە يېڭى ھۆكۈمەت بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ» دېدى.

ئۆتكەن يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئىشتىراك قىلغان 75 مىليارد دوللارلىق مەزكۇر قۇرۇلۇشقا تۈركىيەنىمۇ تەكلىپ قىلغان قايسەر، «خىتاي – پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشى، ئىككى قېرىنداش دۆلەت بولغان تۈركىيە بىلەن پاكىستانغا ئىقتىسادىي مەنىدە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. تۈركىيەنىڭ قېتىلىشى رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرگە پايدىلىق» دېدى.

يۇرداقۇلمۇ تۈركىيەنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

يۇرداقۇل قايسەرنى 14 – دېكابىردا ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان قۇددۇس ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.

2014 – يىلى خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن باشلانغان خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئىلىدىن باشلىنىپ پاكىستاننىڭ گۇادار پورتىغىچە سوزۇلىدۇ.

تاش يول، تۆمۈر يولى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى ۋە پورت دېگەندەك چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى، خىتايغا ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرققە قىسقا شۇنداقلا ئەرزان يولدىن بېرىش ئىمكانيىتى يارىتىپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر