ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى 18 مىڭ كىشىنى ئىشتىن بوشىتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى (General Motors ) ئىشلەپچىقىرىش چىقىملىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى 18 مىڭ خىزمەتچى – خادىمىغا تۆلەم پۇلى بېرىش بەدىلىگە ئىشتىن بوشىتىش تەكلىپى سۇندى.

1079654
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى 18 مىڭ كىشىنى ئىشتىن بوشىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىركەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا ۋە مېكسىكىدا سېتىش، خېرىدار چاقىرىش ۋە  مەمۇرىي مۇلازىمەت بۆلۈملىرىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقىنىغا 12 يىل ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بولغان 18 مىڭ مائاشلىق خىزمەتچى – خادىمىغا تۆلەم پۇلى بېرىش بەدىلىگە ئىشتىن بوشىتىش تەكلىپى سۇنۇلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىركەت تۆلەم پۇلىنىڭ شەرتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى قەدەم، شىركەتنىڭ 2018 – يىلنىڭ 3 – چارىكىدە كىرىمىنىڭ  2.5 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن تاشلانغان.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، شىركەت ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، 18 مىڭ خىزمەتچى – خادىمىنى ئىشتىن بوشىتىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلىشىدا،  «ئىقتىسادىي ئەھۋال ياخشى كېتىۋاتقان مەزگىلدە چىقىمنى ئازايتىش تېخىمۇ ئاقىلانىلىك بولىدۇ»  تەرىقىسىدىكى قاراش مۇھىم رول ئوينىغان.

مۇتەخەسسىسلەر، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتايدىكى ئاپتوموبىل سېتىش ئىشلىرىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشى سەۋەبىدىن بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش چىقىملىرى يېقىنقى مەزگىلدە ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنى قىيىنچىلىقققا دۇچار قىلىدۇ» دەپ قارايدىكەن.

(General Motors ) شىركىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا ۋە مېكسىكىدا تەخمىنەن 50 مىڭ مائاشلىق خىزمەتچى – خادىمى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر