پەكجان: ئۆكتەبىر ئېيىدا جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ رېكورتى يارىتىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، ئۆكتەبىر ئېيىدا جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ ئايلىق ئېكسپورت رېكورتى يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1079590
پەكجان: ئۆكتەبىر ئېيىدا جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ رېكورتى يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، ئادانا مۇزىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆكتەبىر ئېيىدىكى ئېكسپورتقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار توغرىسىدا توختىلىپ، «جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئايلىق ئېكسپورت رەقىمىنى قولغا كەلتۈردۇق. %13.1 لىك ئېشىش بىلەن 15 مىليارد 732 مىليون دوللارلىق (مەھسۇلات) ئېكسپورت قىلدۇق. يەنە ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىمپورتىمىز %23.5 تۆۋەنلەپ، 16 مىليارد 261 مىليون دوللار بولدى» دېدى.

«بىز ئۆكتەبىر ئېيىدا ئەڭ كۆپ مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيە. ھەممىسى سۈپەتنى ئاساس قىلىدىغان، سۈپەتلىك مالنى ۋە رىقابەتچى باھاغا قارايدىغان دۆلەتلەردۇر» دېگەن سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، «ئېكسپورتچىلىرىمىزنى سۈپەت جەھەتتىنمۇ تەقدىرلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«يېڭى ئىقتىساد پىلانىمىز دائىرىسىدە ئېكسپورتىمىزنىڭ يىل ئاخىرىدا 170 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەن پەكجان، «نىشان دۆلەت بازارلىرىغىمۇ ئېكسپورتىمىز سۈرئەت بىلەن ئاشماقتا. مېكسىكىغا %14، ھىندىستانغا %16، لاتىن ئامېرىكىسىغا %41 (ئاشتى). ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز ۋە ئۆكتەبىر ئايلىق ئېكسپورتىمىز ئۆتكەن يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئايلىق ئېكسپورتىمىزغا سېلىشتۇرغاندا، ئافرىقىغا %25 ئاشتى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر