دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات سانى رېكورت ياراتتى

دۇنيا مىقياسىدىكى خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار سانى 314 كە يېتىپ رېكورت ياراتتى.

1079606
دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات سانى رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى، 190 دۆلەت خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش بەلگىلىمىلىرى نۇقتىسىدىن باھالانغان «2019 – يىللىق خىزمەت قىلىش قولايلىقى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى؛ 2017 – يىلى ئىيۇندىن 2018 – يىلى مايغىچە بولغان جەريانغا ئالاقىدار دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدىكى 128 ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەزكۇر جەرياندا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات سانى 314 كە يېتىپ، تارىخىي رېكورت ياراتقان.

دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن 2003 – يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان دوكلاتتا، خىزمەت قىلىش قولايلىقى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى 10 دۆلەت تىزىملىكىگە يېڭى زېلاندىيە، سىنگاپور، دانىيە، خوڭكوڭ، خىتاي، جەنۇبىي كورېيە، گىرۇزىيە، نورۋېگىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئالاھىدە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستان، جىبۇتى، خىتاي، ئەزەربەيجان، ھىندىستان، توگو، كېنىيە، پىل چىشى قىرغىقى، تۈركىيە ۋە رۇئاندا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017 – يىلى ئىيۇندىن 2018 – مايغىچە بولغان جەرياندا 7 تۈرلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بارغان تۈركىيە، ئالدىنقى قېتىملىق دوكلاتقا سېلىشتۇرغاندا، بىراقلا 17 بالداق ئاتلاپ 43 – قاتارغا چىقتى.

دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ خىزمەت ئورنى ئېچىش، قەرز ئېلىش، قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسى ئېلىش، باج تۆلەش، چېگرا ھالقىپ سودا قىلىش، كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ۋە ۋەيران بولغان شىركەتلەرگە ئالاقىدار رەسمىيەتلەر بويىچە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرى ئارقىلىق خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر