سەئۇدى ئەرەبىستاندا چاقىرىلغان «چۆلدىكى داۋوس» كونفېرانسىدا نۇرغۇن كېلىشىملەر ئىمزالاندى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەخت رىيادتا چاقىرىلغان ۋە «چۆلدىكى داۋوس» ئاتالغان «كېلەچەككە مەبلەغ سېلىش كونفېرانسى» دا، 50 مىليارد دوللارلىق كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

1074851
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چاقىرىلغان «چۆلدىكى داۋوس» كونفېرانسىدا نۇرغۇن كېلىشىملەر ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كونفېرانسنىڭ دەسلەپكى كۈنى فىرانسىيە، خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياپونىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەنگلىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ھىندىستان شىركەتلىرى بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش ساھەلىرىدە 50 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم لايىھەسى ۋە كېلىشىملەر ئىمزالانغان. تۈرلۈك ھەمكارلىق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ساھەلەردە 34 مىليارد دوللارلىق 15 كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىللىي نېفىت شىركىتى « Saudi Aramco »، بۇ كېلىشىملەر ئارقىلىق سانائەتنى مىللىيلەشتۈرۈش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىش ئىمكانىيىتى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرى نەبىل ئەلئامۇدى، ھەرەمەين تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھەسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش دائىرىسىدە، مەزكۇر لايىھەنى 2018 – يىلدىن ئېتىبارەن ئۇدا 12 يىل ھۆددىگە ئالىدىغان  « Suudi-İspanyol Al‑Shoula Group » گۇرۇھى بىلەن 3.6 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتناش ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى رۇمەيھ بىن مۇھەممەد ئەررۇمەيھ بولسا خىتاينىڭ « CCECC » شىركىتى بىلەن قىزىل دېڭىز ساھىللىرى بىلەن بەسرە قولتۇقىنى، دەممام بىلەن رىياد ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر يولنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان قارا كۆۋرۈك لايىھەسى ئۈچۈن 10.6 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان تۆمۈر يول شىركىتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بەششار بىن خالىد ئەلمالىكمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ « Green Prairie » شىركىتى بىلەن، تۆمۈر يول يۈك پويىزلىرى ۋاگونلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 297 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىغان. تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2030 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇلتۇر باشلانغان  ۋە بۇ يىل ئىككىنچى قېتىملىقى چاقىرىلغان «چۆلدىكى داۋوس» يىغىنلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتىدىن كېيىن، كەڭ كۆلەملىك بايقۇت قىلىش قارارلىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا داۋاملاشماقتا. كونفېرانسقا ئىلگىرى قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن 40 قا يېقىن شەخس  جامال قاشىقچى ۋەقەسىدىن كېيىن يىغىننى بايقۇت قىلىشنى قارارلاشتۇرغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلاھاتچىلارغا نىسبەتەن مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «‹ۋەتەن› گېزىتى» گە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى بىلەن تونۇلغان جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 2  - ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىق نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى» ئېتىراپ قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن باشلانغان كونفېرانس ئەتە ئاخىرلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر