رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ

رۇسىيە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى نوۋاك، كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ بۇ ئاي 2016 – يىلى ئۆكتەبىر ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا 150 مىڭ ۋارىل سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1074857
رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نوۋاك رۇسىيەنىڭ كالىنىنگراد شەھىرىدە بەرگەن باياناتىدا، بۇ ھەقتە توختالغاندا، رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)  بىلەن تەشكىلات سىرتىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت كېلىشىمىدىن كېيىن، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ تەكرار ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بۇ ئاي 2016 – يىلى ئۆكتەبىر ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا 150 مىڭ ۋارىل سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلدى.»

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە تەشكىلات سىرتىدىكى دۆلەتلەر 2016 – يىلنىڭ ئاخىرلىرى كېلىشىم تۈزگەن، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈندىلىك 1.8 مىليون ۋارىل سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈش توغرۇلۇق  پۈتۈشكەنىدى.

رۇسىيە كېلىشىم دائىرىسىدە كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈندىلىك 300 مىڭ ۋارىل سەۋىيەسىدە ئازايتىش توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەنىدى.

ئىيۇن ئېيىدا چاقىرىلغان يىغىندا بولسا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارنىڭ ئاشۇرۇلۇشى قارارلاشتۇرۇلغان، رۇسىيە بۇ دائىرىدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈندىلىك 200 مىڭ ۋارىل سەۋىيەسىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر