مۇغلاغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى % 32 ئاشتى

يېقىنقى 9 ئاي ئىچىدە مۇغلاغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 32 ئاشتى.

1066935
مۇغلاغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى % 32 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇغلا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فىلىز قاراجائاغاچنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇغلاغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئارىسىدا ئەنگلىيەلك ساياھەتچىلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، مۇغلاغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەردىن  900 مىڭ 75 ى ئەنگلىيەلىك، 380 مىڭ 487 ى رۇسىيەلىك، 177 مىڭ 94 ى گېرمانىيەلىك، 168 مىڭ 165 ى ئۇكرائىنالىق، 132 مىڭ 895 ى پولشالىق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر