قاتار ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئىشلىرى مىنىستىرى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبى توغرىسىدا توختالدى

مىنىستىر مۇھەممەد بىن سالىھ ئەسسادە، قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –قنانىڭ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1064532
قاتار ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئىشلىرى مىنىستىرى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئىشلىرى مىنىستىر مۇھەممەد بىن سالىھ ئەسسادە، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ پىسخولوگىيەلىك تەسىرلەر ۋە گېئوپولىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بازاردا تەلەپ – تەمىن تەڭپۇڭلۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر مۇھەممەد بىن سالىھ ئەسسادە، قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –قنانىڭ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشى كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك ئەزالىرى ۋە مۇستەقىل نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ تەلەپ – تەمىن تەڭپۇڭلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۆزگىرىشلەرنى كۈزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نېفىت بازىرىنىڭ كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەرگە سەھنە بولغانلىقىنى قەيت قىلغان سادە، بۇلارنىڭ ئارىسىدا نېفىت ئىمپورت قىلىش، نېفىتكە بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ۋە گېئوپولىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نويابىر ئېيىدىكى ئوپېك يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ياكى ئازايتىلىشىغا ئوپېكنىڭ بازاردىكى يېڭى ئۆزگىرىشچان ئامىللار توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشلىرى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا قارار قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

2016 – يىلى يانۋاردا ۋارىل باھاسى 27 دوللار 10 سىنتقىچە چۈشكەن نېفىت باھاسىنىڭ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق باھا يارىتىش ئۈچۈن 2016 – يىلى نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ۋىيېننادا چاقىرىلغان ئوپېك يىغىنىدا، رۇسىيەگە ئوخشاش نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا بازارغا سېلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنىڭ ئازايتىلىشى، بۇ دائىرىدە كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ ۋارىل قىسقارتىلىشى قارار قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ: #قاتار , #نېفىت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر