لاۋروۋ بىلەن زەرىف ئىككى دۆلەت نېفىت ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئىرانلىق مەنسەپدېشى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1064487
لاۋروۋ بىلەن زەرىف ئىككى دۆلەت نېفىت ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لاۋروۋ بىلەن زەرىفنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا، ھەر ئىككى مىنىستىرنىڭ كۈنتەرتىپتىكى خەلقئارا ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە نېفىت شىركىتى Lukoil، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرى يۈزىسىدىن تېھراندىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختاتقانىدى.

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان Lukoil، دۇنيا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %2 گە يېقىنىنى ئىگىلەيدۇ.

ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئىراننىڭ نېفىت سودىسىغا قارشى يولغا قويغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئېمبارگولىرىنىڭ 5 – نويابىردا ئىجرا قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر