خىمىيە سانائىتى ساھەسى ئېكسپورتتا ئىككىنچى رەتكە تىزىلدى

خىمىيە سانائىتى ساھەسىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 17.79 ئېشىپ، 1 مىليارد 534 مىليون دوللارغا يەتتى.

1062478
خىمىيە سانائىتى ساھەسى ئېكسپورتتا ئىككىنچى رەتكە تىزىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنىڭ بىلەن بۇ ساھە، ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىدىن قالسا تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىككىنچى ساھەسى بولۇپ قالدى. سېنتەبىر ئېيىدا ئەڭ كۆپ ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇرغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە، 129 مىليون 726 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورت مىقدارى بىلەن ئىسپانىيە بىرىنچى رەتكە، 104 مىليون 959 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورت مىقدارى بىلەن مىسىر ئىككىنچى رەتكە، 82 مىليون 660 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورت مىقدارى بىلەن ئىراق ئۈچىنچى رەتكە تىزىلدى. كېيىنكى رەتلەرگە نۆۋەت بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ھىندىستان، گىرېتسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تىزىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر