ئامېرىكا ئەڭ كۆپ خام نېفىت ئېكسپورت قىلغان دۆلەت خىتاي بولغان

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەڭ كۆپ خام نېفىت ئېكسپورت قىلغان دۆلەت خىتاي بولدى.

1056464
ئامېرىكا ئەڭ كۆپ خام نېفىت ئېكسپورت قىلغان دۆلەت خىتاي بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئومۇمىي خام نېفىت ئېكسپورت قىلىش نىسبىتى كۈنىگە 1.8 مىليون ۋارىلغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە 376 مىڭ ۋارىللىق (% 21 لىك) قىسمىنى خىتاي، 334 مىڭ ۋارىللىق قىسمىنى كانادا، 165 مىڭ ۋارىللىق قىسمىنى بولسا ئىتالىيە تەشكىل قىلىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خام نېفىت ئېكسپورتىدا ئاسىيا ئەڭ چوڭ بىرىنچى بازار، ياۋروپا بولسا ئىككىنچى بازار بولغان. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خام نتتت ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا كۈندىلىك ئوتتۇرىچە 787 مىڭ ۋارىل ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ خام نېفىت ئېكسپورت قىلىش نىسبىتى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە 2.2 مىليون ۋارىلغا يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، رېكورت بۇزۇپ تاشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر