ئىران: جەنۇبىي كورېيەدىن باشقا ھېچبىر دۆلەت بىزدىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختاتمىدى

ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىجەن زەنگەنە، جەنۇبىي كورېيەدىن باشقا ھېچبىر دۆلەتنىڭ ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختاتمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1056413
ئىران: جەنۇبىي كورېيەدىن باشقا ھېچبىر دۆلەت بىزدىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختاتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئېچىلغان نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىگە قاتناشقان بىجەن زەنگەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرى ۋە ئىراننىڭ نېفىت سېتىشى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېقىنقى 3 ئايدىن بۇيان ئىراندىن نېفىت سېتىۋالمىغانلىقىنى، سېئۇل دائىرىلىرىدىن باشقا نېفىت سېتىۋېلىشنى توختاتقان بىرمۇ دۆلەت يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

زەنگەنە، ئىران نېفىتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلدە سەپنىڭ تېشىدا قالدۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، قىسقا مەزگىلدە بولسا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ 1 ئاي بولسىمۇ سىمۋول خاراكتېرلىك ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشنى پۈتۈنلەي توختىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بىراق، «بۇ ئامېرىكا چۈشىنىڭ قەتئىي ئىشقا ئاشمايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، خام نېفىتنىڭ بازارغا سېلىنىشى توغرىسىدىمۇ پارلامېنت، ئەدلىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەمپىكىر ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنىڭ ئىچكى كابىنېتنىڭ ماقۇللۇقىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، مەسىلە سەزگۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، نېفىتنىڭ دەسلەپتە %20 رىيال، %80 تاشقى پېرېۋوت بولۇش پىرىنسىپى بويىچە سىناق تەرىقىسىدە بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى، ھەل قىلغۇچ قارارنىڭ نەتىجىگە قاراپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر