تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارى
«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسى، يېقىنقى 14 يىلنىڭ مابەينىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارىنى ئېلان قىلىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى 625 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈردى. سېنتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان پۇل پاخاللىقىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلاردىن كېيىن، مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل – مۇئامىلە پوزىتسىيەسىنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىدىغانلىقىغا دائىر باياناتلىرى، ئۆسۈم ئۆستۈرۈلگىچە بولغانكى جەرياندا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا كۈچلۈك ئۈمىدلەرنى شەكىللەندۈردى. پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارىغا مەركەزلەشتۈرۈشى، تاشقى پېرېۋوتقىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. مەزكۇر كۈتۈش مۇساپىسىدە دوللارغا قارشى تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتىنىڭ بىر مىقدار ئاشقانلىقى كۆرۈلدى. ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن لىرانىڭ قىممىتى مۇئەييەن دەرىجىدە ئاشقان بولسىمۇ، تولۇق مەنىدە تەڭپۇڭلاشقانلىقىنى ئېيتىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا، مەبلەغ سالغۇچىلار قاتلىمىنىڭ مېڭىسىدە ئۆسۈمنى كۈچلۈك شەكىلدە ئۆستۈرۈش قارارى پەيدا قىلغان كۆپلىگەن سوئال ئىشارەتلىرى بار. ئەلۋەتتە، تۈركىيە ئىقتىسادى كىرىپ قالغان بۇ تەڭپۇڭلىشىش مەزگىلى بىلەن بىرلىكتە، مەيلى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى بولسۇن، مەيلى مالىيە ساھەسىدىكى ئۈمىدلەرگە جاۋاب بېرىش جەھەتتە بولسۇن، ناھايىتى ئەستايىدىل خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى 625 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈرۈش قارارى بىلەن ھەپتىلىك قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئۆسۈم نىسبىتى %17.75 دىن %24 گە ئۆرلىدى. ئەسلىدە بۇ جەرياندىكى تەخمىنلەر ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ 250 بىلەن 700 ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، مەركىزىي بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى 625 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرىچە مۆلچەرلەرنىڭ خېلىلا يۇقىرىسىدىن ئورۇن ئالدى.
ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن، تاشقى پېرېۋوتتا بىر مىقدار تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، دوللار – تۈرك لىراسى باھاسى 6.01 غىچە چۈشتى. بىراق، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ تاشقى پېرېۋوتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى قىسقا مۇددەتلىك بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ دوللار – تۈرك لىراسى باھاسىدىكى داۋالغۇشنى كونترول قىلىش جەھەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقىنى كۈتۈش ئەمەلىيەتكە دېگەندەك ئۇيغۇن ئەمەس.
يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ قارارنى مەبلەغ سالغۇچىلار نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىش لازىم؛ ئۆسۈمنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئالدىدىكى بىر توسۇق ئىكەنلىكى؛ ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ پاراۋۇز كۈچى بولغان سېلىنمىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويىدىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنىدىغان بولسا، بۇ مۇساپىدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چىدامچانلىق بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكى يەكۈنى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، ئاۋغۇست ئېيىدا تاشقى پېرېۋوتتا كۆرۈلگەن ئاساسسىز داۋالغۇشلار، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ دىنامىكلىرىغا قەتئىي ماس بولمىغان نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. تاشقى پېرېۋوتتىكى مەزكۇر داۋالغۇشلارنى ھېچبىر ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، تۈركىيە ئىقتىسادىغا قارشى بۇ ھەرىكەتنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن، ئىقتىساد باشقۇرۇش قاتلىمى ئارقا – ئارقىدىن قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدا تىجەشچانلىقنى كۈچەيتىش قەدىمى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىنى ئىجارىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ بىكار تۇرۇۋاتقان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىنالارغا كۆچۈرۈش، دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ئىشلىرىغا بەلگىلىك چەكلىمە قويۇش ۋە خىزمەتچى – خادىم قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانماقتا. بۇ قەدەملەرنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى توغرا ۋە زۆرۈر قەدەملەر دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ يەردە، ئېلان قىلىنغان ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلاننىڭ، نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى توغرا بايقاپ، رېئال ماكرو نىشانلارنى بېكىتىپ، ھەم پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىغا روشەن كارتىنا سىزىپ بەرگەنلىكىنى، ھەم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە جەلپ قىلىنىشىدا ناھايىتى پائال رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ.
تۈركىيە ئىقتىسادىغا قارشى تاشقى پېرېۋوت ئارقىلىق ئوينالماقچى بولغان بۇ ئويۇنلارغا كۈچلۈك ئىقتىسادىي تۈزۈلمىمىز سايىسىدا قايتۇرغان جاۋابلىرىمىزنىڭ ناھايىتى جايىدا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان پىلان نەتىجىسىدە، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بارلىق دىنامىكلىرىنىڭ بىر – بىرى بىلەن چەمبەرچاس بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتىشىمىز لازىم. مۇشۇنداق بولغاندا، تەڭپۇڭلىشىش باسقۇچىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ساغلام قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان تۈركىيە ئىقتىسادى، سىجىل، مۇقىم ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىش نىشانىغا قاراپ دادىل قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلەيدۇ.
2018 – يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە %5.2 گۈللەنگەن تۈركىيە ئىقتىسادى، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئوتتۇرىچە %6 ئەتراپىدا ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى. 2018 – يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغا ئالاقىدار ئىنتايىن ئىجابىي بولغان بۇ سانلىق مەلۇماتلار، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مەيلى 2016 – يىلى يۈز بەرگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى بولسۇن، مەيلى گېئوپولىتىكىلىق خەۋپلەر نەزەرگە ئېلىنغىنىدا بولسۇن، تولىمۇ ئىجابىي ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلماقتا.
خۇلاسىلىگەندە، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇملارنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىدىن قىلچە شۈبھىلەنمەسلىك لازىم.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نورۋېگىيەدە توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ سانى رېكورت ياراتتى
نورۋېگىيەدە توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم بېنزىن موتورلۇق ئاپتوموبىللاردىن ئېشىپ كەتتى.