ئامازون تۈركىيە بازىرىغا رەسمىي قەدەم قويدى

ئىنتېرنېت ئارقىلىق پارچە مال ساتىدىغان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئامازۇن بۈگۈندىن ئېتىبارەن تۈركىيە بازىرىغا رەسمىي قەدەم باستى.

1052737
ئامازون تۈركىيە بازىرىغا رەسمىي قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئې – سودا گۇرۇھى – ئامازون ئىستانبۇلدا تۈركىيەدىكى مەركىزىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

بۈگۈن ئەتىگەن www.amazon.com.tr ئادرېسىغا كىرگەنلەر، ئامازون شىركىتىنىڭ تۈركىيەگە ئالاقىدار مەخسۇس ئۇچۇرىنى كۆردى.

www.amazon.com.tr نىڭ ئېچىلىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدىكى شىركەتلەر ھېچقانداق مەھسۇلات تىزىملىكى ھەققى تۆلىمەستىن مەھسۇتلىرىنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا خېرىدارلىرىغا ساتالايدۇ.

ئامازون، بۇ شىركەتلەرنى تىزىملاش ۋاسىتىلىرى، 7 كۈن 24 سائەت ئىنتېرنېت ئارقىلىق سېتىش مۇلازىمىتى، ئوچۇق – ئاشكارا سېتىش شارائىتى، باھا ئۇچۇرلىرى، دوكلات ۋە ئانالىزلارغا ئوخشاش سېتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەمچى بولىدىغان خىزمەتلەرنى سۇنىدۇ.

بازار قىممىتى 1 تىرىليون دوللارغا يەتكەن ئامازوننىڭ بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدىكى نەق پايدىسى، شىركەت تارىخىدىكى بىر چارەكتە يارىتىلغان ئەڭ كۆپ پايدا بولغان 2 يېرىم مىليارد دوللارغا يەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر