جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە تۈركىيەدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
1052017
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشقا، 30 دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ دىرېكتورىنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.
ئۇچۇر - ئالاقە ساھەسىدىن يېمەك - ئىچمەك ساھەسىگىچە كۆپلىگەن ساھەلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانشىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى قاتنىشىدىغان ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دىرېكتورلار بىلەن تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە يېقىنقى ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.