«ئېزىز خەلقىمنى تۈرك لىراسىغا ئىشىنىشكە چاقىرىمەن»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك خەلقىنىڭ تۈرك لىراسىغا ئىشىنىشكە چاقىردى.

1049575
«ئېزىز خەلقىمنى تۈرك لىراسىغا ئىشىنىشكە چاقىرىمەن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ تەھدىت خاراكتېرلىك پوزىتسىيەسى تۈپەيلى، بىرمۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىخەتەر ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك شۆبە باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

سۆزىدە تاشقى پېرېۋوت قىممىتىنىڭ ئۆرلەپ  كېتىشى ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان، بىر دوللارنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا تۇيۇقسىزلا 7لىراغا ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئىقتىسادىي سۇيىقەست ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەردوغان: ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان تەلەپلىرىنى رەت قىلىشىمىز نەتىجىسىدە مۇشۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى بۇ ئىشنىڭ سىياسىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيەنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ھادىسە دۇنيادىكى بىرمۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە بىخەتەر ئەمەسلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر،دېدى.

يۇقىرى ئۆسۈم ۋە يۇقىرى تاشقى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئېكسپولاتسىيە قىلىش ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان: تۈركىيەگە تاشقى پېرېۋوت بىلەن زەربە بەرمەكچى بولغانلارغا ئېكسپورتىمىز ۋە ئىشلەپچىقىرىشىمزنى كۈچەيتىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك،دېدى.

مىللىي پۇلنى ئىشلىتىشنى ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ئېكسپورت ۋە ئىمپورت قىلمايدىغان كىشى تاشقى پېرېۋوت كۆڭۈل بۆلمەسلىكى كېرەك.قىممەتلىك خەلقىم سىلەرنى تۈرك لىراسىغا ئىشىنىشكە چاقىرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر