ئانتاليا ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشتا تارىخىي رېكورت يارىتىشقا تەييارلانماقتا

بۇ ساياھەتچىلىك ساھەسى بويىچە تارىخىي رېكورد يارىتىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچى سانى 9 مىليون 666 مىڭ 859 غا يەتتى.

1045972
ئانتاليا ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشتا تارىخىي رېكورت يارىتىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مۇدىرلىقى، تۈنۈگۈنگىچە ئانتالياغا ھاۋا يولى بىلەن كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1 – سېنتەبىردىن 8 – سېنتەبىرگىچە بولغان جەرياندا ئانتاليا ئايرودۇرۇمى ۋە غازىپاشا ئايرودۇرۇمى ئارقىلىق شەھەرگە 539 مىڭ 578 چەت ئەللىك ساياھەتكە كەلگەن بولۇپ،  ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، شەھەرگە كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچى سانى %25 ئاشقان.

1 – يانۋاردىن 8 – سېنتەبىرگىچە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئايرودۇرۇم ئارقىلىق شەھەرگە كىرگەن چەت ئەللىك ساياھەتچى سانى 9 مىليون 666 مىڭ 859 غا يەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %29 ئېشىشقا ئىشارەت قىلىدىكەن.

ئانتاليا 2017 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل 2 مىليون 144 مىڭ 130 ساياھەتچىنى كۆپ كۈتۈۋالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر