ئالبايراق لوندوندا چوڭ شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا 11 مالىيە ئورگىنىنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1042731
ئالبايراق لوندوندا چوڭ شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەرات ئالبايراق، 15 تىرىليون دوللارلىق بايلىقنى باشقۇرۇۋاتقان، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مالىيە ئورگانلىرىدىن 11 ىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ، ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ 15 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە يېڭى باسقۇچلۇق ئىقتىسادىي پىلانلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئالبايراق، دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرىنى يېڭى مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك پىلان دائىرىسىدە ئىجرا قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلەردىن ۋاقىپلاندۇردى.

مىنىستىر ئالبايراق، ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىر فىلىپ خامموند ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى سىر ئالان دۇنجان بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر