تاشقى سودا قىزىل رەقىمى ئىيۇن ئېيىدا ئاشقان

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TÜİK) ئىيۇن ئايلىق تاشقى سودا ئىستاتىستىكا رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.

1023018
تاشقى سودا قىزىل رەقىمى ئىيۇن ئېيىدا ئاشقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىيۇن ئېي (2018) دا ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئۆتكەن يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %1.3 ئازىيىپ، 12 مىليارد 954 مىليون دوللار، ئىمپورت مىقدارىنىڭمۇ %3.8 ئازىيىپ، 18 مىليارد 451 مىليون دوللار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قىلىنغان ئېكسپورت مىقدارى 2017-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6.4 ئېشىپ، 6 مىليارد 630 مىليون دوللارغا يەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ئېكسپورتىدا 2017-يىلى ئىيۇندا %47.5 نى ئىگىلىگەن بولسا، 2018-يىلى ئىيۇندا %51.2 نى ئىگىلىگەن.

تۈركىيە ئەڭ كۆپ گېرمانىيەگە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئىيۇن ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى 1 مىليارد 308 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئەنگلىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت مىقدارى 882 مىليون دوللار بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا، 815 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت مىقدارى بىلەن ئىتالىيە ئۈچىنچى ئورۇندا، 627 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت مىقدارى بىلەن ئامېرىكا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان.  

تۈركىيە ئەڭ كۆپ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان. تۈركىيە ئىيۇن ئېيدا خىتايدىن قىلغان ئىمپورت مىقدارى 1 مىليارد 838 مىليون دوللارغا يەتكەن.  رۇسىيەدىن قىلىنغان ئىمپورت مىقدارى 1 مىليارد 794 مىليون دوللارغا يەتكەن ۋە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. 1 مىليارد 793 مىليون دوللارلىق ئىمپورت مىقدارى بىلەن گېرمانىيە ئۈچىنچى ئورۇندا، 1 مىليارد 149 مىليون دوللارلىق ئىمپورت مىقدارى بىلەن ئامېرىكا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر