«سودا ئۇرۇشلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن»
Fitch Ratings سودا ئۇرۇشلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1019835
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى (Fitch Ratings) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشلىرىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا 2019 – يىلى % 0.1، 2020 – يىلى % 0.2 ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.