رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئارقىدا قالدۇردى

رۇسىيە ماي ئېيىدا كۈندە ئوتتۇرىچە 10 مىليون 600 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئارقىدا قالدۇردى.

1018830
رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئارقىدا قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە، ماي ئېيىدا كۈنلۈك ئوتتۇرىچە 10 مىليون 600 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىپ، ئوخشاش مەزگىلدە كۈنلۈك ئوتتۇرىچە 9 مىليون 999 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقارغان سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئېشىپ كەتكەن.

نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېكقا ئەزا دۆلەتلەر بۇ مەزگىلدە كۈنلۈك جەمئىي 31 مىليون 900 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ 4 يېرىم مىليونىغا يېقىنى ئىراقتىن كەلگەن.

نېفىت، يانۋار – ماي ئايلىرى ئارىسىدىكى رۇسىيە ئومۇمىي ئېكسپورتىنىڭ %28 ىنى تەشكىل قىلدى، نېفىتنىڭ ماي ئېيىدىكى ئوتتۇرىچە ئېكسپورت باھاسى توننا بېشى 508 دوللار بولدى.

ئوپېكنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر، 23 – ئىيۇندا ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، بازارغا سېلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنى كۈنلۈك 1 مىليون ۋارىل ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

رۇسىيەنىڭ مەزمۇنى يېڭىلانغان مەزكۇر كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈنلۈك 200 مىڭ ۋارىل ئەتراپىدا ئاشۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر