رۇسىيە بىلەن ئىران ئېنېرگىيە ۋە نېفىت مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندېر نوۋاك بىلەن ئىران نېفىت مىنىستىرى بىجەن نامدار زەنگەنە، رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىراندىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز پىلان – لايىھەلىرىدە ئورۇن ئېلىشى يولىدا تاشلاشقا بولىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1018467
رۇسىيە بىلەن ئىران ئېنېرگىيە ۋە نېفىت مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نوۋاك بىلەن زەنگەنەنىڭ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تەرەپلەرنىڭ، رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىراندىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز پىلان – لايىھەلىرىگە ئىشتىراك قىلىشى يولىدا تاشلاشقا بولىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، مىنىستىرلارنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېك ۋە گاز ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر مۇنبىرىدىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر