تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ھەسسىلەپ ئاشتى

تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ماي ئېيىدا بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 6.4 ئاشتى.

1014118
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ھەسسىلەپ ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ  سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ماي ئېيىدا بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 6.4 ئاشقان، كانچىلىق ۋە تاش قېزىش ساھەسى ئىندېكسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 12، پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسى ئىندېكسى % 6.5 ئاشقان.

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ماي ئېيىدا مۆلچەردىكىدىنمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، ئېشىش ئىزچىل داۋاملاشماقتا. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدىمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا پاراللېل ھالدا يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. 24 – ئىيۇن سايلاملىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىقنىڭ تۈگىشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سېلىنمىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر