ئۆزبېكىستان ئافغانىستانغا ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقچى

ئۆزبېكىستان مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە قوشنىسى ئافغانىستانغا ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

1011193
ئۆزبېكىستان ئافغانىستانغا ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئۆزبېكىستاندىن ئالدىنقى يىلى ئافغانىستانغا 200 مىليون كېلوۋاتسائەت ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلىنغانلىقى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر 2 مىليارد كېلوۋاتسائەت ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلىشنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى «سۇرخان پۇلى خۇمرى» ئېلېكتېر لېنىيەسى قۇرۇلىشى تاماملانغاندىن كېيىن، ئافغانىساننىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە ھالقىسىغا قېتىلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزبېكىستاندىن ئافغانىستانغا تېخىمۇ كۆپ ئېلېكتىر ئېكسپورت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

باياناتتا، ئۇزۇنلۇقى 260 كېلومېتىر كېلىدىغان «سۇرخان پۇلى خۇمرى» ئېلېكتىر لېنىيەسىگە 150 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغانلىقى، بۇ لېنىيە ئارقىلىق ئافغانىستانغا يىلىغا 6 مىليارد كېلوۋاتسائەت ئېلكېتېر يوللىغىلى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئافغانىستانغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان ئېلېكتىر مىقدارىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى، ئىستولبا ۋە باشقا ئېلكېتىر ئۈسكىنىلىرىنىڭمۇ ئېكىسپورت قىلىنىشىغا ئالاقىدار كېلىشىملەرنىڭ تۈزۈلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تاجىكىستاننىڭمۇ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئۆزبېكىستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا ئېلېكتىر ئېكىسپورت قىلغانلىقى، بۇ دائىرىدە ھازىرغا قەدەر 140 مىليون كېلوۋاتسائەت ئېلېكتىر يوللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆزبېكىستان تۇنجى قېتىم 2002يىلىدا ئافغانىستانغا 62 مىليون كېلوۋاتسائەت ئېلېكتىر ئېكىسپورت قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر