تۈركىيە ئىيۇن ئېيىدا ئېكسپورتتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى
تۈركىيەنىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى 12 مىليارد 602 مىليون دوللارغا يەتتى.
1004107
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ 2017 – يىللىق ئېكسپورت دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 5 ئېشىپ، 12 مىليارد 602 مىليون دوللارغا يەتكەن.