ترامپ نافتانىڭ ئىمزالىنىشى ئۈچۈن كونگرە سايلاملىرىنى ساقلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى-نافتا (NAFTA) نىڭ ئىمزالىنىشى ئۈچۈن، نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كونگرە سايلاملىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1003932
ترامپ نافتانىڭ ئىمزالىنىشى ئۈچۈن كونگرە سايلاملىرىنى ساقلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېت ترامپ فوكس نىيۇس (Fox News) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكا ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان نافتا ھەققىدە توختالدى.

ئۇ نافتانىڭ قايتىدىن ئىمزالىنىشى ئۈچۈن 6-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا كونگرەسى سايلاملىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: "نافتانى ئەتىلا ئىمزالايتتىم، بىراق مەن مەزكۇر مەسىلىدە ئانچە خۇشال ئەمەس. كېلىشىمنى تېخىمۇ ئادىل قىلىشنى خالايمەن" دېدى.

ترامپ "تارىختكى ئەڭ ناچار كېلىشىم" دەپ باھا بەرگەن ۋە 1994-يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان نافتانى، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكا ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىش باشلانغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئاخىرلاشمىدى.

مۇتەخەسسىسلەر، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە باج قويۇش قارارىنىڭ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا يىرىكچىلىكىنى ئۇلغايتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قارارنىڭ نافتانى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىشقا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە.

كانادانىڭ ئامېرىكاغا 12.6 مىليارد دوللار قىممىتىدە يېڭى قوشۇمچە باج قويۇش بەلگىلىمىسى تۈنۈگۈن (1-ئىيۇل) ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر