ئىراندا خۇسۇسىي كارخانىلار نېفىت ئېكىسپورت قىلىدىغان بولدى

ئىراننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىسھاق جاھانگىرى خۇسۇسىي كارخانا ساھەسىنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلىش يولىنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1003437
ئىراندا خۇسۇسىي كارخانىلار نېفىت ئېكىسپورت قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران بىرىنچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىسھاق جاھانگىرى پايتەخت تېھراندا «سانائەت ۋە كان بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ نېفىت سېتىشى ۋە خەلقئارا بانكچىلىق سىستېمىسىدىكى پۇل يۆتكەش ئىشلىرىنى توختىۋېتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسھاق جاھانگىرى ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، «باشتىنلا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ناچار بىر ئەھۋال بار ئىدى» دېدى ھەمدە يېڭى مەزگىلدە خۇسۇسىي كارخانا ساھەسىنىڭ يەلكىسىگە مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ يۈكلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسھاق جاھانگىرى: «خۇسۇسىي كارخانا ساھەسى ھازىر بازاردىن كۈنلىكىگە 60 مىڭ ۋارىل نېفىت سېتىۋالالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوچۇق - يورۇق بىر شەكىلدە، نېفىت سېتىۋېلىپ ئېكسپورت قىلالىشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنى باشلاتتۇق» دېدى.

ئىسھاق جاھانگىرى: «بازاردا ئىراندىن بوشالغان جايلارنى ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن سوئۇدىي ئەرەبىستان ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ تولدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان دۆلەتلەر ئىران خەلقىگە خىيانەت قىلغان بولىدۇ. ئىران خەلقى بۇ خىيانەتنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ» دېدى.

ئىسھاق جاھانگىرى ئىراندا چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىسكە قارشى كۈرەش ئۈچۈن سىياسىي گۇرۇپپىلار ۋە مەسۇللار ئوتتۇرىسدىكى ئىختىلاپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بىردەك ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى جىكىلىدى.


خەتكۈچ: #ئىران , #نېفىت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر