دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك يول

ترابزون –  بايبۇرت ئوتتۇرىسىدىكى تاغ چوقىلىرىغا جايلاشقان ۋە «دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك يول» بولۇپ تاللانغان دەرەباشى ئەگىم يوللىرى تەبىئەت مەستانىلىرى ئۈچۈن ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلىدىغان بولدى.

1001764
دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك يول

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدىكى خەتەرلىك يوللارنى زىيارەتچىلىرىگە تونۇشتۇرىدىغان www.dangerousroads.org ناملىق تور بەت تەرىپىدىن 3 يىل ئىلگىرى «دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك يول» بولۇپ تاللانغان  تىرابزوننىڭ چايكارا ناھىيەسىدىكى دەرەباشى ئەگىم يوللىرى، تىرابزون بىلەن بايبۇرتنى ئەڭ قىسقا مۇساپە ھېسابلىنىدىغان 3500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سوغانلى تېغى ئارقىلىق بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ.

يولنىڭ بەزى قىسىملىرى بولىۋىيەدىكى «ئۆلۈم يولى» دىنمۇ بەك خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ يول، تېيىلغاق ئېگىز چوقىلىرى ۋە 13 كەسكىن بۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن شوپۇرلارنى بولۇشىغا قېينايدۇ.

يولدا، بولۇپمۇ قىش ئايلىرىدا تۇمان، يامغۇر، تاغ غۇلاپ چۈشۈش، قار ۋە قار يۆتكىلىش دېگەندەك تەبىئەت ھادىسىلىرى كۆپ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

قاتتىق قار ياغىدىغان بولغاچقا بىر يىلنىڭ 6 ئېيى دېگۈدەك قاتناشتىن توختايدۇ. ياز كېلىشى بىلەن تەڭ تاغ چوقىلىرىدا ئېرىگەن قارلار گويا سىزما رەسىملەردىكىگە ئوخشاش تاغلارنىڭ ئارىسىدىن دەريالارغا ئاقىدۇ.

رايوننىڭ ساياھەت ئىمكانىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە ساياھەتچىلەرنى خەتەرلىك يولنىڭ جەبدارلىقى بىلەن تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا.

بۇ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش، ئېلان تاختىلىرى ۋە ئېگىزگە يامىشىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.

ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئۇزۇن كۆلگە بارىدىغان يولغا جايلاشقان بۇ رايوننىڭ كەلگۈسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر