ئەلگۇئىندى، ئوپېكنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش قارارى توغرىسىدا توختالدى

خەلقئارا مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى – Energy Aspects نىڭ ماكرو تەتقىقاتلار دىرېكتورى ياسىر ئەلگۇئىندى، ئوپېكنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش قارارى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

1000140
ئەلگۇئىندى، ئوپېكنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش قارارى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى – Energy Aspects نىڭ ماكرو تەتقىقاتلار دىرېكتورى ياسىر ئەلگۇئىندى، نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېكنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش قارارى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

ياسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، رۇسىيە ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت بازىرىدا شەكىللەنگەن تەلەپنى جايىدا قاندۇرۇشنى خالىمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ دۆلەتلەر، 2017 – يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان پىلاندىكىدىن ئارتۇق نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتتى، نۆۋەتتە بۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى نامايان قىلدى» دېدى.

ياسىر ئەلگۇئىندى، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېكقا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ شەنبە كۈنىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشنىڭ مىقدارى قانچىلىك مۇھىم بولسا، مۇددىتىنىڭمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە رۇسىيەنىڭ كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىشنى ئوتتۇرىچە 150 مىڭ ۋارىل، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بولسا كۈنلۈك ئوتتۇرىچە 500 مىڭ ۋارىل ئاشۇرۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياسىر، ئوپېكقا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خەلقئارا بازاردا نېفىت قىسىنچىلىقى يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزىدىغان ئېمبارگوسى تۈپەيلى بۇ دۆلەتتىكى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ياسىر ئەلگۇئىندى، ۋېنېزۇئېلا ۋە ئانگولانىڭمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، لىۋىيەنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقرىشىنىڭ ئازايغانلىقىنى، نىگېرىيەدە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلسىى باش كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

لوندوندىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى – Capital Economics مۇتەخەسسىسى توماس پۇگمۇ ئىران بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش ئېھتىمالىنىڭ نېفىت بازارلىرىدا خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن تەقدىردە، ئوپېك ۋە رۇسىيەنىڭ ئىشلەپچىرىقىشنىڭ ئاشۇرۇشىنىڭ بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇگ، بۇنداق ئەھۋالدا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ زاپاس كۈچلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشلىرىنى سۈرئەت بىلەن ئاشۇرۇپ، قايتىدىن بازار مۇۋازىنىتىنى تەڭشىيەلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

توماس پۇگ، ئوپېك ۋە ئوپېكقا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارلىرىنى كۈنلۈك ئوتتۇرىچە 1 مىليون ۋارىل ئاشۇرغان ۋە دۇنيا نېفىت تەلىپى تۆۋەنلىگەن تەقدىردە، نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا  65 دوللار بولۇشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ: #ئوپېك , #نېفىت , #opec , #petrol

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر