دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۆزگىرىش شاماللىرى ۋە تۈركىيە

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۆزگىرىش شاماللىرى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

998492
دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۆزگىرىش شاماللىرى ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۆزگىرىش شاماللىرى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاكتىيورى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، يېقىنقدىن بۇيان قارار ماقۇللاپ يولغا قويغان سىياسەتلىرى ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىشىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان قەدەملەرنى تاشلىماقتا. بىر قانچە ئاي ئىلگىرى خىتاي بىلەن قىلغان تاشقى سودىسىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى قارار قىلىشى، بۇنىڭغا ئەگىشىپلا خىتاينىڭ مەزكۇر قەدەملەرگە قارشى قەدەملەرنى تاشلىشى، سودا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار قاراشلارنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مەركىزىگە ئېلىپ كىرگەنىدى. نۆۋەتتە يولغا قويغان سودا قورۇقچىلىقى سىياسەتلىرىدىن كېيىنلا ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئېلان قىلغان ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارى ۋە بۇ يىل ئىچىدە يەنە ئىككى قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىمالىنىڭ بولۇشى، ئامېرىكىنىڭ پۇل سىياسىتىدىمۇ چىڭىش بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

ئەمدى، ئامېرىكا تاشلىغان بۇ قەدەملەر ۋە ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە، خۇسۇسەن تۈركىيەگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققۇسى سېنارىيەلەرگە قارىتا تۈركىيە قانداق قەدەملەرنى تاشلىشى لازىم؟ دېگەن سوئاللارغا كېلەيلى!

ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئالاقىدار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سودا قورۇقچىلىقى سىياسەتلىرى، ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى ۋە ياۋروپادا مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بايلىق سېتىۋېلىشقا خاتىمە بېرىشنىڭ پىلانلىنىۋاتقان بولۇشى، ئەسلىدە دۇنيا ئىقتىساد سەھنىسىدە ئۆزگىرىش شاماللىرىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 2008 – يىلىدىكى دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرىزىسى مەزگىلىدە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن پۇلنىڭ يۆنىلىشى بۇ قېتىم تەتۈرىگە قايتتى. بۇ ئەھۋال، بىر تەرەپتىن دۇنيا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادلىرىدا گەۋدىلىك تەسىر ساھەسى پەيدا قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇل بىرلىكلىرىنى مۇئەييەن دەرىجىدە بېسىم ئاستىغا ئېلىۋالدى. بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە دۆلەتلەرنىڭ قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركەتلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە ئالاقىدار چىقارغان ئىناۋەت نومۇرى ۋە ھالىتىنى تۆۋەنلىتىش قارارلىرىنى شۇنداقلا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئالاقىدار مۆلچەرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشلىرىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدەملەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار، دەيدىغان تونۇشنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ناھايىتى روشەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇل بىرلىكلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ بېسىملارنىڭ تاشقى پېرېۋوتلاردا داۋالغۇش پەيدا قىلىشى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرىنى ئۇزۇن مەزگىلدە دېگەندەك ئىجابىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلمەيدىغان ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلاپ قويدى.

نۆۋەتتە قارايدىغان بولساق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئارگېنتىنا %27.25 ئۆسۈم سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالغان بولسا، تۈركىيەدىمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسىنىڭ يېقىندا چىقارغان قارارلىرى بىلەن ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈم %17.75 ئەتراپىدا بولماقتا.

ئالدى بىلەن، ئۆسۈمنىڭ بۇنداق ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئىقتىسادقا چۈشىدىغان يۈكىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىمىز كېرەك. گەرچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسى تاشقى پېرېۋوتتىكى داۋالغۇشنى تەڭشەش ئۈچۈن يۇقىرى ئۆسۈم سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، نەتىجىدە يۇقىرى ئۆسۈم قىممەت تاشقى پېرېۋوت ۋە پۇل پاخاللىقى بىر – بىرىگە ئەگىشىدىغان ئامىللاردىن ئىبارەتتۇر. دېمەك، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش تاشقى پېرېۋوتنى تۇراقلاشتۇرۇش جەھەتتە قىسقا مەزگىللىك ئىجابىي ئۈنۈمى بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەسلىدە ئېشىپ بېرىۋاتقان قەرز ئېلىش چىقىملىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، كېلەچەكتە سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

بۇ توسۇقلارنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئىقتىسادتا مەزگىللىك تۇراقلىقلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مالىيە ئېھتىياجىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆسۈمى تۆۋەن مالىيە مەنبەسىگە يۈزلىنىش ۋە بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئىمكانىيەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ كېلەچەكتىكى ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

يەنە، يېقىندا خەلقئارا دۆلەتلەرنىڭ قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، تۈركىيە ئىقتىسادىغا قارىتا مەيلى ئىچكى ئۆزگىرىشلەر مەيلى خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سەۋەب كۆرسىتىپ، تۈركىيەنىڭ 2019 – يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئالاقىدار مۆلچەرىنىڭ %4.7 دىن %3.6 گە چۈشۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىلدۈرۈلۈشى، ئىغۋاگەرلەرچە خاتا تونۇش پەيدا قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ خىل ئوبراز خۇنۇكلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنى ۋەيران قىلىش تۈركىيەنىڭ ھەم 2017 – يىلى ھەم 2018 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە قولغا كەلتۈرگەن %7.4لىك ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنى سىجىللىققا ئىگە قىلىشى ئۈچۈن، چوقۇم مالىيە مەنبەسى مەسىلىسىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال مالىيە ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك. بۈگۈننىڭ تۈركىيەسىدە تاشقى مالىيە مەنبەسىنى ئازايتىپ يېڭى مالىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى دېمەك، ئۇتۇقلۇق كېتىۋاتقان ماكرو ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈكنىڭ كۈچلۈك مالىيە قۇرۇلمىسى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ سىجىل، تۇراقلىق ۋە مۇستەھكەم قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشى دېمەكتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر