ئىران بىلەن سەئۇدى ئەربىستان ئوتتۇرىسىدا نېفىت جەھەتتىكى يىرىكچىلىكلەر يېنىكلىدى

ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

997839
ئىران بىلەن سەئۇدى ئەربىستان ئوتتۇرىسىدا نېفىت جەھەتتىكى يىرىكچىلىكلەر يېنىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىجەن زەنگەنە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ھەققىدە سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى خالىد ئەل فاتىھ بىلەن ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئىجابىي بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىجەن زەنگەنە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى خالىد ئەل فاتىھ نېفىت ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر بىرلىكى «OPEC» نىڭ ئاۋستېرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا ئۆتكۈزۈلگەن 174نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە جىددىي يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىجەن زەنگەنە سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى خالىد ئەل فاتىھ بىلەن ئېلىپ بارغان ئايرىم ئۇچرىشىشىدىن كېيىنـ ئاخباراتچىلارغا بايانات بېرىپ، ئۇچرىشىشتا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىشىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى سۆزلەشكەنلىكىنى ۋە مۇزاكىرىنىڭ ئىجابىي ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

زەنگەنە نېفىت ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر بىرلىكى «OPEC» نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ھەققىدە بىرەر مۇھىم كېلىشىم تۈزۈلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر