گازپرومنىڭ ئەنگلىيەدىكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى
رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم (Gazprom) نىڭ ئەنگلىيە ۋە گاللېردىكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تەبىئىي گاز شىركىتى نافتاگاز (Naftogaz) خەلقئارا كېسىم سوتىنىڭ گازپروم ئۈستىدە چىقارغان قارارى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، ستوكھولم خەلقئارا كېسىم سوتى نافتاگازغا تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان گازپرومنىڭ ئەنگلىيە ۋە گاللېردىكى مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنغان.
بۇنىڭدىن باشقا، گازپرومنىڭ ئەنگلىيە ۋە گاللېردىكى قىممىتى 50 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى بولغان مال-مۈلكلىرىنىڭ تىزىملىكىمۇ خەلقئارا كېسىم سوتىغا سۇنىلىدىغان بولۇپ، گازپروم سوتنىڭ قارارىغا بويسۇنمىغان ئەھۋالدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىكەن.
مەركىزىي ستوكھولمغا جايلاشقان خەلقئارا كېسىم سوتى گازپروم بىلەن نافتاگاز ئوتتۇرىسىدىكى دەۋادا، ئۇكرائىنا شىركىتىگە پايدىلىق ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.
گازپرومنىڭ ئۇكرائىناغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىمىگەنلىكىنى قارار قىلغان سوت مەھكىمىسى، گازپرومنىڭ نافتاگازغا 2.56 مىليارد دوللار تۆلەم تۆلىشىگە ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.