مارت ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيەدە مارت ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆتكەن يىل (2017) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 1.6% چۈشۈپ، %10.1 كە تۆۋەنلىدى.

994209
مارت ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TÜİK) مارت ئېيىدىكى ئىشسىزلىق رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە مىقياسىدا 15 ۋە بۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەردىكى ئىشسىزلار سانى مارت ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 432 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 3 مىليون 210 مىڭغا تۆۋەنلىگەن. ئوخشاش مەزگىلدە ئىشسىزلىق نىسبىتى %1.6 چۈشۈپ، %10.1 كە تۆۋەنلىگەن. 2018-يىلنىڭ فېۋرال ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا بولسا، %0.5 تۆۋەنلىگەن.

ئىشسىزلىق نىسبىتى مارت ئېيىدا يېزا ئىگىلىكىنى ھېسابلىمىغاندا %1.8 چۈشۈپ، %11.9 كە تۆۋەنلىگەن.

مارت ئېيىدا يەنە، 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.7 چۈشۈپ، %17.7 كە تۆۋەنلىگەن. ئىشسىزلىق نىسبىتى  15ياشتىن 64 ياشقىچە بولغانلاردا %1.7 چۈشۈپ، %10.3 كە تۆۋەنلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر