تايلاندتا خان جەمەتىنىڭ خەزىنىسى يېڭى پادىشاھقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى تايلاندتا 2016 – يىلى ۋاپات بولغان سابىق پادىشاھ بھۇمىبول ئادۇلياجېدكە ئائىت مال – دۇنيالار يېڭى پادىشاھ ماھا ۋاجىرالوڭكورنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

993717
تايلاندتا خان جەمەتىنىڭ خەزىنىسى يېڭى پادىشاھقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند خان جەمەتى خەزىنە ئىشلىرى بىيورۇسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خان جەمەتى خەزىنىسىدە ساقلىنىۋاتقان سابىق  پادىشاھ بھۇمىبول ئادۇلياجېدكە ئائىت مال – دۇنيالار يېڭى پادىشاھ ماھا ۋاجىرالوڭكورنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ مال – مۈلۈكلەر بۇنىڭدىن كېيىن خان جەمەتىگە ئائىت خەزىنە سۈپىتىدە بىيورۇ تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىكەن.

پادىشاھ ماھا ۋاجىرالوڭكورن دادىسىنىڭ 2016 – يىلى ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە چىققانىدى.

«‹فوربېس› ژۇرنىلى»، سابىق پادىشاھ بھۇمىبول ئادۇلياجېد ھايات ۋاقتىدا ئېلان قىلغان «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بايلار» تىزىملىكىدە، سابىق پادىشاھنىڭ  مال – مۈلۈكلىرىنىڭ خان جەمەتى خەزىنىسىدىكى مال – مۈلۈكلىرى بىلەن بىرلىكتە 30 مىليارد دوللارشغا يېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر