مالايشىيا ياپونىيەدىن قەرز تەلەپ قىلدى

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد، ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابىدىن دۆلەت قەرزلىرىنى تۆلەش ئۈچۈن قەرز بېرىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

991160
مالايشىيا ياپونىيەدىن قەرز تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە بۇ يىل 24 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيانىڭ كېلەچىكى» ناملىق خەلقئارا نىككېي يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن توكيوغا بارغان مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد، مەنسەپدېشى ئابې بىلەن كۆرۈشتى.

ماھاتىر مۇھەممەد ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مالايشىيانىڭ تاشقى قەرزلىرىنى تۆلەش ئۈچۈن ياپونىيەدىن قەرز بېرىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ياپونىيەنىڭ بۇ تەلەپ توغرىسىدا ئويلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مالايشىيادا ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملار نەتىجىسىدە باش مىنىستىر بولغان ماھاتىر مۇھەممەد، مالايشىيانىڭ ئالدىنقى ھۆكۈمەت دەۋرىدىن قالغان چەت ئەل قەرزىنىڭ 252 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر