تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە %7.4 ئاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار توغرىسىدا توختالدى...

990221
تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە %7.4 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى تەشكىل قىلىدىغان ساھەلەر 2018 – يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، يېزا ئىگىلىك ساھەسى %4.6، سانائەت ساھەسى %8.8، قۇرۇلۇش ساھەسى %6.9 ئاشتى.

سودا، قاتناش، مېھمانخانا ۋە يېمەك – ئىچمەك پائالىيەتلىرىنىڭ يىغىندىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان خىزمەتلەر ساھەسىنىڭ قوشۇمچە قىممىتى %10 ئاشتى.

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، 2018 – يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش چارىكىگە سېلىشتۇرغاندا، %7.2 ئاشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرىدا، «(ئېشىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار) بارلىق ئىقتىسادىي ھۇجۇملارغا ۋە ئوينالغان ئويۇنلارغا قارىماي، مۇستەھكەم ماكرو زېمىندا كۈچلۈك ئېشىش داۋاملاشماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە ئىقتىسادى 2018 – يىلىنى دەسلەپكى چارىكىدە %7.4 ئاشتى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى؛ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان 19 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تەشكىل تاپقان 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئىككىنچى رەتتىمىز. دۇنيانىڭ ئەڭ تېز گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر