نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ غەيرى رەسمىي يىغىنى ئېچىلدى

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋە مۇستەقىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ نېفىت مىنستىرلىرىنىڭ كۈۋەيتتە غەيرى رەسمىي يىغىن ئۈچۈن توپلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

985244
نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ غەيرى رەسمىي يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب دۆلەتلىرى نېفىت مىنىستىرلىرى مۇستەقىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

كۈۋەيت كۇنا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان مىنىستىرلار كومىتېتى غەيرى رەسمىي يىغىن ئۈچۈن كۈۋەيتكە توپلانغان.

كومىتېت يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بازارلاردىكى تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەرەب دۆلەتلىرى نېفىت مىنىستىرلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىشى نەتىجىسىدە مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كومىتېت 21-ئىيۇن ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا رەسمىي توپلىنىدۇ.

بۇ قېتىم كۈۋەيتتىكى رەسمىي بولمىغان مۇزاكىرە يىغىنىغا، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئۇممان، ئالجىرىيە، كۈۋەيت ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى قاتناشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان مەزكۇر مىنىستىرلار كومىتېتىنىڭ رەئىس دۆلىتى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولسا نېفىت ئېكسپورت قىلغۈچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر