خىتاي ھۆكۈمىتى ترامپنىڭ قىزىنىڭ 13 ماركىسىنى رويخەتكە ئالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئۈچ ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قىزى ئىۋانكا ترامپقا تەۋە 13 سودا ماركىنى رويخەتكە ئالدى.

981487
خىتاي ھۆكۈمىتى ترامپنىڭ قىزىنىڭ 13 ماركىسىنى رويخەتكە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىۋانكا ترامپنىڭ 13 ماركىسى خىتايدا رويخەتكە ئېلىنغان. خىتاي ماركا رويخەتكە ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىۋانكا ترامپ يېقىنقى ئۈچ ئايدا بوۋاق ئەدىيالى، تابۇت، ئەتىر، گىرىم بۇيۇملىرى، ئەينەك، چىنە، ئۆي جابدۇقلىرى، كىتاب، قەھۋە، شاكىلات ۋە ھەسەل قاتارلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار ئۈچۈن سودا تەستىقى ئالغان. سەككىز مەھسۇلات ئۈچۈن بولسا، ۋاقىتلىق سودا ماركىسى رويخىتى بېرىلگەن. ئۈچ ئاي ئىچىدە ئېتىراز كەلمىگەن ئەھۋالدا بۇ رويخەتلەر ئۇزۇن مۇددەت كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

دونالد ترامپنىڭ قىزى ئىۋانكانىڭ خىتايدا كۈچكە ئىگە 36 ماركا رويخىتى، 25 ماركا ئۈچۈن جاۋاب كۈتۈۋاتقان رويخەت ئىلتىماسى بار.

ئىۋانكا ترامپ ئامېرىكادا ئاقسارايدىكى نوپۇزى، پىرېزىدېنتنىڭ چەت ئەل زىيارەتلىرىدىكى تەسىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، سودا ئىشلىرىدىن يىراق تۇرماسلىق بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

ئىۋانكا ترامپنىڭ بۇ ئەھۋالى پارىخورلۇق مەسىلىسىدە مۇھىم گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقى، دادىسىنىڭ ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە ئىقتىسادىي پايدا يەتكۈزۈش ئېھتىمالى ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماركىغا مۇناسىۋەتلىك قارار چىقىرىش باسقۇچىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالىنىڭ سوئاللارنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىۋانكا ترامپ ماركىلىرىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا بىۋاستە ياكى ئاكتىپ قاتناشمىسىمۇ، ئەمما سېتىش ئىشلىرىدا ھەسسىسىنى ئېلىشنى ئىزچىل داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر