ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى مۇمكىن
ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى (FED) فىلادېلفىيا شۆبىسىنىڭ باشلىقى پاترىك خاركېر 2019-2018 –يىللىرىدا ئۈچ قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى فىلادېلفىيا شۆبىسىنىڭ پاترىك خاركېر س ن ب س (CNBC) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پۇل سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ 2018-2019-يىللىرىدا ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنى ئۈچ قېتىم ئۆسۈمنى ئۆستۈرىدۇ دەپ كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆسۈمنى قانچە قېتىم ئۆستۈرۈشنى پۇل پاخاللىقىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ پۇل پاخاللىقىنىڭ سۈرئىتى تېزلەشكەن ئەھۋالدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "ئەگەر پۇل پاخاللىقى سۈرئىتىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى كۆرسەك، بۇ يىل (2018) تۆتىنچى قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈلىدۇ دەپ جەزملەشتۈرىمەن، بىراق بۇنىڭ ئىسپاتىنى كۆرۈشۈم كېرەك" دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

قازاقىستان پارلامېنتى تۈرك مەبلەغ فوندى لايىھەسىنى تەستىقلىدى
قازاقىستان پارلامېنتى تۈرك مەبلەغ فوندى قۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.