قازاقىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە

قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى قانات بوزۇمبايېۋ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ھەجىمىنى ھەر يىلى ئاشۇرۇپ، 2025 – يىلىغا بارغاندا، يىللىق ئوتتۇرىچە 104 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

975734
قازاقىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى قانات بوزۇمبايېۋ پارلامېنت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، چوڭ ھەجىملىك نېفىت قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەنگىز، كاراچاگاناك، كاشاگان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشلىرى سايىسىدا، نېفىت ساھەسىدىكى زورىيىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان بوزۇمبايېۋ، «2017 – يىلى كاشاگاننىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن دۆلەتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى 78 مىليون توننىدىن 86.2 توننىغا چىقتى. نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ھەجىمى ھەر يىلى ئېشىپ، 2025 – يىلىغىچە يىللىق ئوتتۇرىچە 104 مىليون توننىغا يېتىدۇ» دېدى.

ئۇ، 2018 – يىلى يانۋار – ئاپرېل ئايلىرى ئارىسىدا 30 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ۋە بۇ مىقدارنىڭ 2017 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %6 ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «2018 – يىلى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 87 مىليون توننىغا يېتىشى كۈتۈلمەكتە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر