تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق خىتايدا زىيارەتتە بولدى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

964003
تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق خىتايدا زىيارەتتە بولدى
berat albayrak cin1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبايراق بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئالدى بىلەن خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

مىنىستىر ئالبايراق بىلەن نۇر بەكرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

ئالبايراق ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئالدى بىلەن، « China Chemical Engineering » شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گەن دەيخىنى، ئارقىدىن « Goldwing » شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى پەن يەنتىئەننى قوبۇل قىلدى.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن خىتاي ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش شىركىتىنى زىيارەت قىلغان مىنىستىر ئالبايراق، شىركەتنىڭ باشلىقى مىڭ چىڭپىڭ ۋە خىتاي يادرو تېخنىكىسى شىركىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ فىڭشيۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

بۇ شىركەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيەدە بەرپا قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان ئۈچىنچى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

كېيىنچە، خىتاي ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يىرەن بىلەن كۆرۈشكەن مىنىستىر بەرات ئالبايراق، تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش پائالىيەتلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقلىرى ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

ئالبايراق بۇ يەردىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بولغان خىتاينىڭ « State Grid » شىركىتىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە شىركەتنىڭ مەسئۇلى شۇ جىنباۋ بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر ئالبايراق  « State Grid » شىركىتى قارمىقىدىكى « CET » بىلەن « Eltem-Tek » ھەسسىدارلىق شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى نىيەت كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.

ئالبايراق بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بانكا ھېسابلىنىدىغان ۋە يېقىندا تۈركىيەدىمۇ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلايدىغان « China Industrial and Commercial Bank of China » مەركىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

بۇ يەردە مىنىستىر ئالبايراق  « China Industrial and Commercial Bank of China » مەركىزىنىڭ مەسئۇلى يى خۇيمىئەن تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى. ئالبايراق بىلەن يى خۇيمىئەننىڭ ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيەدىكى ئېنېرگىيە ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشتا پۇل – مۇئامىلە پائالىيەتلىرى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىن ھەمكارلىق  ئورنىتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر